Svoboda | Graniru | BBC Russia | Golosameriki | Facebook
Jump to content

ۋۇچ

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى لودز)

ۋۇچ ياكى لودز لەھىستاننىڭ ۋارشاۋا شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ۋۇچ ۋويۋودالىغىنىڭ (ئۆلكىسىنىڭ) مەركىزى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، لەھىستان بويىچە ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزىنىڭ بىرى.

ۋۇچ
نامى ۋۇچ
دۆلىتى لەھىستان
خەنزۇچە نامى 羅茲
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق كىلماتى
باشقا نامى مەركىزىي شەھەر
ۋويۋودالىق ۋۇچ ۋويۋودالىغى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

[تەھرىرلەش]

ۋۇچ لەھىستاننىڭ ۋارشاۋا شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ۋۇچ ۋويۋودالىغىنىڭ مەركىزى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، لەھىستان بويىچە ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋىسۋا دەرياسى بىلەن ئۇدىرا دەريا تارماقلىرىنىڭ سۇ بۆلگۈچ رايونىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) . ۋۇچ 15-ئەسىردىن باشلاپ قۇرۇلغان. 1820-يىلدىن كېيىن توقۇمىچىلىق سانائەتلىرى راۋانجلىنىشقا باشلىغان.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتى

[تەھرىرلەش]

ھازىر لەھىستان بويىچىلا ئەمەس ياۋروپا بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئىلمە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن دۆلەتنىڭ شۇ خىل مەھسۇلاتلار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 1/4 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ستانوك، ئېلېكتر سانائەت ئۈسكۈنىلىرى، خىمىيىۋى تالا، قۇرۇلۇش بىناكارلىق، كاۋچۇك، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. ۋۇچ لەھىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم كىنو لېنتىسى ئىشلەپچىقىرىش، كىتاب نەشىر قىلىش مەركىزى. شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان «توقۇمىچىلىق شەھەرلىرى» بىرلىشىپ چوڭ بىر شەھەرنى تەشكىل قىلىدۇ. شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇتاشقان تۆمۈر يول، تاشيوللار بار.